باغداد ۋالىيسى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

باغداد ۋىلايەتلىك پارلامېنتىنىڭ34  ئەزاسى باغداد ۋالىيسى ئەلى تەمىمىنىڭ بەرگەن جاۋاپلىرىنىڭ قايىل قىلارلىق بولمىغانلىقى ھەققىدە قارار ماقۇللىدى.

655230
باغداد ۋالىيسى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ ۋالىيسى ئەلى تەمىمى چېرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

باغداد ۋىلايەتلىك پارلامېنتىدا 54 ئەزانىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سوئال تاشلاش يىغىنىدا راي سىناش ئېلىپ بېرىلدى. 34 ئەزا باغداد ۋالىيسى ئەلى تەمىمىنىڭ بەرگەن جاۋاپلىرىنىڭ قايىل قىلارلىق بولمىغانلىقى ھەققىدە قارار ماقۇللىدى.

ئىراقنىڭ ۋىلايەتلىك پارلامېنت قانۇنلىرىدا، ئەگەر پارلامېنت ئەزالىرى ۋالىينىڭ جاۋابىنىڭ قايىل قىلارلىق بولمىغانلىقى ھەققىدە قارار ماقۇللىسا، ئىككىنچى ئولتۇرۇشتا ۋالىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. باغداد ۋىلايەتلىك پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي ئەزا سانى  58 بولۇپ، ۋالىينى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن راي سىناشتا ئەزالارنىڭ كۆپ سانلىقى ئاۋاز بەرگەن بولۇشى شەرت.

باغداد ۋالىيسى ئەلى تەمىمى سەدىر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مۇقتەدا ئەسسەدىرغا يېقىن ئىكەنلىكى بىلەن تونۇلىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر