مۇسۇلنىڭ شەرقىي قىسمى دائېشتىن تولۇق قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىراق ئارمىيەسىنىڭ مۇسۇلنىڭ غەربىي قىسمىنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش  ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

654225
مۇسۇلنىڭ شەرقىي قىسمى دائېشتىن تولۇق قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلنىڭ شەرقىي قىسمى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تولۇق قۇتقۇزۇلدى.

ئىراق تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىسىملىرىنىڭ رەھبىرى تالىپ سىگاتى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇسۇلنىڭ شەرقىنىڭ (يەنى دىجلە دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسىمىنىڭ) كونتروللۇقىنى دائېشتىن تولۇق قايتۇرۇپ ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تالىپ سىگاتى ھەرىكەت جەريانىدا، كىشىلىك ھوقۇققا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇسۇلنىڭ غەربىي قىسمىنى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېڭى بىر ھەرىكەت پىلانلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادىمۇ تۈنۈگۈن (17-يانۋار) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇسۇلنىڭ غەربىي قىسمى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان ئىدى.

مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن، ئىراق ئارمىيەسى، پەشمەرگە قىسىملىرى ۋە ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى تۈركىيە ئەسكەرلىرى باشىكا لاگىرىدا تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن نىنوۋا مۇجاھىتلىرى 17 – ئۆكتەبىردە بىرلىكتە ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر