يەمەندە بىر دائېش كاتتىۋېشى قولغا چۈشتى

يەمەندە دائېشقا «ئادەم بومبا»تەييارلاپ بېرىۋاتقان كاتتىۋاشلاردىن بىرسىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

653323
يەمەندە بىر دائېش كاتتىۋېشى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا «ئادەم بومبا»تەييارلاپ بېرىۋاتقان كاتتىۋاشلاردىن بىرىسى قولغا چۈشتى.

يەمەننىڭ ئادەن شەھىرىدىكى تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش مەركىزى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ «ئادەم بومبا تېپىش ۋە ئۇلارنى ھۇجۇم قوزغاشقا تەييارلاش» ئىشلىرىغا مەسئۇل كاتتىۋېشىنىڭ ئادەن ۋىلايىتىدە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بۇ كىشىنىڭ ئادەم بومبا قۇربانلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىلتاققا چۈشۈرىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ ياشلارنى تەشكىلات سېپىغا ئېلىپ كىرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار بولغان ياشلارنىڭ بەكرەك قىلتاققا چۈشىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، سالاھىيىتى ئاشكارىلانمىغان بۇ كىشىنىڭ، دائېش سېپىغا قوشقان 25 كىشىدىن 5نىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى سادىر قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر