رۇس ئۆكتىچى فىرانسىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەشكە تەييارلانماقتا

رۇسىيەدىكى ئاشقۇن ھەرىكەتلىرى بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇلغان سەنئەتچى پىئوتر پاۋلېنىسكى، فىرانسىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەشكە تەييارلانماقتا.

653105
رۇس ئۆكتىچى فىرانسىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاۋلېنىسكىنىڭ ئادۋوكاتى ئالا چېۋېلكىنا، فىرانسىيەدە چىقىدىغان <L’Express> ژۇرنىلىغا بايانات بېرىپ، پاۋلىنىسكىنىڭ رەپىقىسى ئوكسانا چالىگۇينا ۋە ئىككى پەرزەنتى بىلەن بىرلىكتە 14- يانۋارغا پارىژغا كەتكەنلىكىنى، ئۇ يەردە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەدە جىنسىي زوراۋانلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان ھالدا سوتقا ئەرز سۇنۇلغان سەنئەتچى پاۋلېنىسكى، مەزكۇر ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغانىدى.

«Pussy Riot» ناخشا – مۇزىكا ئانسامبىلى ئەزالىرى سوتلىنىپ ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سوتنىڭ قارارىغا «كالپۇكلىرىنى تىكىۋېتىش» ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرگەن پاۋلېنىسكى، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ دۆلەتنى «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلاندۇرغانلىقى مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى قىزىل مەيداندا يەرگە مىخلاتقۇزغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر