مىسىرخەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
مىسىرنىڭ ئەسيۇت شەھىرى بىلەن ۋادى ئەلجەدىد ۋىلايىتى چېگراسىدىكى بىر ساقچى پونكىتى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
652944
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ۋادى ئەلجەدىد رايونىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 8 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ساقچى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىملىكى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر، ئەسيۇت ۋە ۋادى ئەلجەدىد ۋىلايىتى چېگراسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى.
مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خالىد مۇجاھىد، ھۇجۇمدا 8 ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 3 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ياكى تەشكىلات ئۈستىگە ئالمىدى.