ئىسرائىلىيەدە بۇنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىرقچى ۋە رادىكال سىياسەتلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

651582
ئىسرائىلىيەدە بۇنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

تېل-ئاۋىۋدە نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىسرائىلىيەلىكلەر ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، بۇنيامىن نېتانياھۇنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرى تۈپەيلى رادىكاللىق ۋە ئىرقچىلىقنىڭ بەدىلىنى ئېغىر تۆلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيەدە تەييارلانغان بىر دوكلاتتا ئىنسان ھەقلىرى نۇقتىسىدىن بۇلتۇرنىڭ ئەڭ نەتىجىسىز ئۆتكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر