ئاق دېڭىزدا يەنە نۇرغۇن مۇساپىر سۇغا غەرق بولدى

ئاق دېڭىزنىڭ لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە مۇساپىرلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمە دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى.

651571
ئاق دېڭىزدا يەنە نۇرغۇن مۇساپىر سۇغا غەرق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق دېڭىزنىڭ لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە 100دىن ئارتۇق مۇساپىرنى ئېلىپ ماڭغان بىر كېمە دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كەتتى.

ئىتالىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى ئانسانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، لىۋىيەنىڭ 30 دېڭىز مىل دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر كېمىنىڭ دۈم كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكى، ۋەقەدە 4 مۇساپىرنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقى، 8 مۇساپىرنىڭ جەسىتىنىڭ دېڭىزدىن چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە قۇتقۇزۇپ قېلىنغان مۇساپىرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېمەدە 107 مۇساپىر بار ئىكەن.

ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ناچار ھاۋا رايىنىڭ ئەكسىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رىمدىكى ساھىل خەۋپسىزلىك قوماندانلىقى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە، رايونغا ئەڭ يېقىن جايدا تۇرۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى چېگرالار ھەمكارلىق ئاگېنتلىقىغا قاراشلىق دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى ۋە سودا كېمىلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

بۇ ئارىلىقتا، بۇ رايوندا ئەتىگەندە 3 مۇساپىرنىڭ جەسىتى تېپىلغان بىر مۇساپىر كېمىسىنىڭمۇ قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر