ئامېرىكا f-35تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى خىتاينىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىىشتاتلىرىf-35تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى خىتاينىڭ قوشنىسى ياپونىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

651518
ئامېرىكا f-35تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى خىتاينىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى

تۈركىيەدىكى «ھابەرتۈرك»گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەڭ ئىلغار ۋە قىممەت قوراللار ھېسابلىنىدىغانf-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ياپونىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان.

يېقىنقى كۈنلەردە خىتاي بىلەن بولغان  مۇناسىۋەتلىرىدە سۈركىلىش بولىۋاتقان ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ قىتئەلەرئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تىنچ ئوكياندا ئىستىراتېگىيەلىك قەدەملەرنى تاشلىدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەڭ ئىلغار ۋە قىممەتلىك ھەربىي ئەسلىھە ھېسابلىنىدىغان f-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ياپونىيەدىكى ئىۋانۇكى ھەربىي بازىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان.

بەشىنچى ئەۋلاد زامانىۋى ئۇرۇش ۋە بومباردىمان ئايروپىلانى ھېسابلىنىدىغان f-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بىرسىگە 104 مىليون دوللار سەرپ قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا تالاش-تارتىش پەيدا قىلغانىدى.

بۇ مەسىلە توغرۇلۇق CNNنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئورتاق ئىستىخبارات مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى كارل سىھۇستېر مۇنداق دېدى: « f-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تولىمۇ ئىلغاردۇر. ئۇرۇش ئايروپىلانلارنىڭ ياپونىيەگە ئەۋەتىلىشى شىمالىي كورېيە بىلەن خىتايغا بېرىلگەن سىگنالدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر