ئۇجۇقتۇرۇلغان دائېش ۋە پ ك ك تېررورىستلىرىنىڭ سانى 1518 گە يەتتى

«فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە ھازىرغىچە ئۇجۇقتۇرۇلغان دائېش ۋە پ ك ك تېررورىستلىرىنىڭ سانى 1518 گە يەتتى.

651316
ئۇجۇقتۇرۇلغان دائېش ۋە پ ك ك تېررورىستلىرىنىڭ سانى 1518 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش مەقسىتىدە تۈركىيە ئارمىيەسى باشچىلىقىدا 24 – ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان ھەرىكەت دائىرىسىدە 1518 ئى ئۆلۈك بولۇپ، جەمئىي 1775 دائېشچى، 310 پ ك ك لىق / پ ي د لىك تېررورىست قولغا چۈشۈرۈلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6 – يانۋاردىن 12 – يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە ئېلىنغان كۈچلۈك تەدبىرلەر سايىسىدا ئەزىز – جەرابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى 1870 كىۋادرات كىلومېتىرلىق ساھە كونترول ئاستىغا ئېلىنغان، تۈركىيە ئارمىيەسى 1141 نىشاننى ئۇدا 1233 قېتىم بومباردىمان قىلغان، بۇ جەرياندا 1518 ئى ئۆلۈك بولۇپ، جەمئىي 1775 دائېشچى، 310 پ ك ك لىق / پ ي د لىك تېررورىست قولغا چۈشۈرۈلگەن.

مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىمۇ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، شىرناق، دىيارباقىر، باتمان ۋە بىنگۆلدە ئېنىقلاپ چىقىلغان 53 پاناھجاي قولغا چۈشۈرۈلگەن ۋە كۆپ ساندا قورال - ياراغ ھەم ئوق - دورا پاچاقلاپ تاشلانغان، 8 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر