ئىران ماتەمگە چۆمدى

ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن رافسانجانىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراندا 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.

646962
ئىران ماتەمگە چۆمدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتلىرىدىن ئەلى ئەكبەر ھاشىمى رافسانجانى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ  ۋاپات بولدى.

82 يېشىدا ۋاپات بولغان رافسانجانى 1980-يىللاردىن بۇيان ئىران سىياسىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى.

1989-يىلدىن 1997-يىلغىچە پىرېزىدېنت بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن رافسانجانى، 2005-يىلى مەھمۇد ئەھمەدىنېجاد بىلەن رىقابەتلىشىپ ئۇتتۇرۇپ قويدى.  

2013-يىلى ئۇنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقى ئاساسىي قانۇننى چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسى بولغان 12 ئەزالىق مۇھاپىز كېڭىشى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

كېيىنكى سايلاملاردا مۆتىدىل سەپتە ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانىنى قوللىغان رافسانجانى سىياسىي مەھكۇملارنى قويۇپ بېرىش ۋە پارتىيەلەرگە ئاساسىي قانۇن دائىرىسىدە ئەركىنلىك بېرىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتاتتى.

ئەسلى ئىسمى ئەكبەر ھاشىمى بەھرەمانى بولغان رافسانجانى تۈزۈمنىڭ سىجىللىقىنى نازارەت قىلىش كېڭىشىنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتاتتى. رافسانجانىنىڭ ۋاپاتى سەۋەبىدىن ئىران مىقىياسىدا 3 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەلى ئەكبەر ھاشىمى رافسانجانىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئىراق خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ Twitter ئادرېسىدىن بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىپ مۇنداق دېدى: «رافسانجانىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قايغۇردۇق. مەرھۇمغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئىران خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر