ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھى خىتايدىكى 50مىڭغا يېقىن ئاپتوموبىلىنى قايتۇرۇپ كەلدى
ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھى خىتايدىكى 50مىڭغا يېقىن ئاپتوموبىلىنى بەزى ئۈسكۈنىلىرىدىن كاشىلا چىققانلىقى سەۋەبىدىن قايتۇرۇپ كەلدى.
646574
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋولكىسۋاگېن گۇرۇھى خىتايدىكى 49480 ئاپتوموبىلىنى، سۈرئەت كونترول ۋە تورمۇز سىستېمىلىرىدىكى كاشىلا سەۋەبىدىن قايتۇرۇپ كەلدى.
خىتاي سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى قايتۇرۇپ كېتىش رەسمىيىتىنىڭ 2012-يىلى ئىيۇلدىن 2015-يىلى ئاۋغۇست ئېيىغىچە ئىشلەپچىقىرىلغان بېتلېس بىلەن ۋولكىسۋاگېن china تەرىپىدىن 2012-يىلى ئىيۇلدىن 2013-يىلى ئىيۇلغىچە ئىمپورت قىلىنغان گولف مودېللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتوموبىللارنىڭ بۇزۇلغان ئۈسكۈنىلىرى ھەقسىز رېمونت قىلىنىدىكەن.
BMW گۇرۇھىمۇ ئۆتكەن ئاي خىتايدىكى 193مىڭ 611 ئاپتوموبىلىنى قايتۇرۇپ كەلگەنىدى.