دائېشنىڭ چەت ئەلدىكى ھۇجۇملارنى پىلانلايدىغان كاتتىبېشى ئۆلتۈرۈلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چەت ئەلدىكى ھۇجۇملارنى پىلانلايدىغان كاتتىبېشى مەھمۇد ئەلئىسەۋى ئۆلتۈرۈلدى.

646348
دائېشنىڭ چەت ئەلدىكى ھۇجۇملارنى پىلانلايدىغان كاتتىبېشى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بىخەتەرلىك ۋە  ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل كاتتىباشلىرىدىن مەھمۇد ئەلئىسەۋى ئىسىملىك تېررورىست رەققە ئەتراپىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلدى.

ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتتا، «ئىسەۋى فەللۇجەدىن رەققەگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بىخەتەرلىك ۋە  ئاخبارات ئىشلىرىغا، شۇنداقلا يوليۇرۇق ۋە تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى مۇناسىۋەتلىك جايلارغا يەتكۈزۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى» دېيىلدى.

باياناتتا، ئىسەۋىنىڭ دائېشنىڭ چەت ئەلدىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان تەشكىلات مەنسۇپلىرى بىلەن بىرلىكتە رايونلار ئارا ساياھەت قىلغانلىقى، 2 – نويابىر كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن دائېشنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەمىرى ئابدۇلباسىت ئەلئىراقى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىسەۋى 2016 – يىلى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن دائېشنىڭ چەت ئەلدىكى پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرى ئارىىسىدىكى 16 – كاتتىبېشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن بىرلىكتە دائېشنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پىلانلايدىغان رەھبەرلىرى ئارقىمۇئار ئۆلتۈرۈلگەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ رايونلار ئارا ھۇجۇملىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازىيىش كۆرۈلدى. ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلايدىغان دائېش كاتتىباشلىرىنى تەقىب قىلىپ، ئۇجۇقتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر