ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى خىلمۇ - خىل باھانىلەر بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.

644253
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەربىي قىرغاقتىكى بىر قانچىلىغان شەھەردە پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، غەربىي قىرغاقتىكى جەنىن، تۇلكەرەم، راماللاھ، بەيتۇللاھىم ۋە ئەلخەلىل قاتارلىق شەھەرلەردە پەلەستىنلىكلەرنى قولغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قولغا ئېلىنغانلاردىن 9 كىشىنىڭ ھاماس ئەزاسى ئىكەنلىكى، جەنىندە 3 ئاۋ مىلتىقى ۋە ئوق – دورا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى خىلمۇ - خىل باھانىلەر بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك پەلەستىنلىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.

پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ تۈرمىلىرىدە تەخمىنەن 7000 پەلەستىن مەھبۇس ياتماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر