ئىراق باش مىنىستىرى تۈركىيە - ئىراق مۇناسىۋەتلىرى، پ ك ك ۋە دائېش توغرىسىدا توختالدى

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادى، باغدادنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراق زېمىنلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

643847
ئىراق باش مىنىستىرى تۈركىيە - ئىراق مۇناسىۋەتلىرى، پ ك ك ۋە دائېش توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبادى باغداد يېشىل رايوندىكى ھۆكۈمەت بىناسىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «ئاساسىي قانۇنىمىزمۇ بۇنىڭغا يول قويمايدۇ» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ 5-، 6 – يانۋار كۈنلىرى ئىشقا ئاشۇرۇشى پىلانلىنىۋاتقان ئىراق زىيارىتى ھەققىدە توختالغان ئىبادى، «تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئىراق زىيارىتى، ئۆزئارا زىيارەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچەيتىلىشى دائىرىسىدە بولىدۇ. تۈركىيە ۋە بارلىق دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ئىقتىسادىي شۇنداقلا سودا مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ كۈچەيتىلىشىنى خالايمىز» دېدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ئىبادى، مۇسۇلنى دائېشتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە دائېشقا قارشى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە تەشكىلاتنىڭ «يوقىتىلىشى» ئۈچۈن، دۇنيا دۆلەتلىرىدىن ئاخبارات ئورتاقلىشىش جەھەتتە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىبادى، مۇسۇلدىكى قۇتقۇزۇلغان جايلاردىكى ئائىلىلەرگە ئاشلىق بېلەتلىرىنىڭ تارقىتىلىشقا ۋە مەكتەپلەرنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراقتا تېررورلۇققا قارشى ئوچۇق ئۇرۇش قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىبادى، باغداد، نەجەف ۋە سالاھۇددىندا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملاردا خەۋپسىزلىك بوشلۇقىنىڭ بارلىقىنى، پايتەخت ۋە باشقا جايلاردىكى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىش توغرىسىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە يېڭى يوليورۇقلارنى چۈشۈرگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر