مالايشىيادا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلدى

مالايشىيانىڭ شەرقىي شىمالىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ 19مىڭ ئادەمنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

644141
مالايشىيادا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ  نۇرغۇن ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيادا شىددەتلىك ھۆل-يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن، 19مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار، مالايشىيانىڭ شەرقىي شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن مۇسون يامغۇرلىرى سەۋەبىدىن 19 مىڭ كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇسون يامغۇرلىرى ياغقان تېرېنگگانۇ ۋە كېلانتان رايونلىرىدا كەلكۈن سەۋەبىدىن ھازىرغىچە ئۆلۈم ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن ئالاقىدار مەسئۇللار، مەكتەپلەردە ئوقۇشنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مالايشىيادا 2014-يىلنىڭ ئاخىرىدا كەلكۈن ئاپىتى مەيدانغا كېلىپ 250مىڭدىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغانىدى.

تروپىك بەلۋاغقا جايلاشقان مالايشىيادا ھەر يىلى يامغۇر پەسلىدە پات-پات كەلكۈن ئاپەتلىرى كۆرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر