نېتانياھۇ سوراق قىلىندى

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تۇرغۇزۇلغان دېلو دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنى سوراق قىلدى.

643158
نېتانياھۇ سوراق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر بويىچە سوراق قىلىندى.

ساقچىلار، سودا – سانائەتچىلەردىن قىممەت باھالىق ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن نېتانياھۇنى قۇددۇستىكى ئۆيىدە سوراق قىلدى. سوراق جەريانىنىڭ مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۆينىڭ ئەتراپىدا كۈچلۈك تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى، سوراق بىر سائەتكە يېقىن داۋام قىلدى.

يېقىنقى ئايلاردا ئوتتۇرىغا چىققان بىر قاتار چىرىكلىككە ئالاقىدار سەتچىلىكلەردىن كېيىن ئۆكتىچىلەر، باش مىنىستىر نېتانياھۇ ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

گېرمانىيەدىن سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋېلىشقا چىرىكلىك ئارىلاشتۇرغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە، ئۆتكەن يىلى 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان فىرانسىيەلىك ئارنائۇد مىمراننىڭ  نېتانياھۇنىڭ 2009 – يىلىدىكى سايلام دولقۇنىغا مىڭلارچە ياۋرو ئىئانە قىلغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىمۇ ئىلاۋە قىلىنغانىدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يەنە، ئۆزىگە مەخسۇس ياتاق ئاجرىتىلغان بىر قېتىملىق ئايروپىلان سەپىرىگە 127 مىڭ دوللار سەرپ قىلىپ، خەلقنىڭ پۇلىنى ئىسراپ قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. نېتانياھۇ بولسا، ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا؛ ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى قوبۇل قىلمىغان نېتانياھۇ، سىياسىي رەقىبلىرىنى «ئالدىراپ تەبرىكلەش پائالىيىتى» ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر