گېرمانىيەدە بىر سۈرىيەلىك تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلدى

گېرمانىيەدە دائېش بىلەن ئالاقسى بولغان بىر سۈرىيەلىك تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلدى.

642970
گېرمانىيەدە بىر سۈرىيەلىك تېررورلۇق ھۇجۇمى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە بىر سۈرىيەلىكنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمغا تەييارلىنىۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىنىپ تۇتۇلدى.

گۇماندارنىڭ ھۇجۇم قوزغاش غەرىزىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

زاربۇكىن تەپتىش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر سۈرىيەلىك گۇماندار ۋاستىچى ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن 180 مىڭ ياۋرو تەلەپ قىلغان.

گۇماندارنىڭ بۇ پۇل بىلەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، ئاپتوموبىلنى پارتلاتقۇچ ماددا بىلەن توشقۇزۇپ، ئادەم كۆپ توپلاشقان يەردە پارتىلتىشنى پىلانلىغانلىقى، گۇماندارنىڭ يانفونىدىكى ئۇچۇرلاردىن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گېرمانىيەگە 2014-يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدا كەلگەن گۇماندارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، بىراق ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر