رۇس دىپلوماتلار ئامېرىكىدىن ئايرىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن چېگرادىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان 35 رۇس دىپلومات ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ۋاشىنگتوندىن ئايرىلدى.

642059
رۇس دىپلوماتلار ئامېرىكىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقلىرى توغرۇلۇق يېڭى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانغا قەدەر قارار بېرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى.

رۇسىيەنى ئامېرىكا سايلاملىرىغا تور ھۇجۇملىرى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن باراك ئوباما ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىكى رۇسىيەگە ئائىت 2 مۇئەسسەسەنىمۇ تاقىغانىدى.

ترامپ ئاق ساراي باياناتچىلىقىغا تەيىنلىگەن شان سپايسېر رۇسىيەگە قارشى مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە ئىلگىرىمۇ خىتاي خايكېرلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىق دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭدىن ئىنتىقام ئالمىغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

ترامپمۇ ھىلارى كىلىنتوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكرات پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېلخەت ئادرېسلىرىنىڭ قولغا كىلگۈزۈلۈشىدە رۇسىيەنىڭ رولى بار – يوقلۇقىغا قارىتا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان، بۇ ھەقتىكى بەزى مەلۇماتلارنى  سەيشەنبە ياكى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

20 – يانۋار كۈنى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغان دونالد ترامپنىڭ ئاق ساراي باياناتچىسى ئوباما ھۆكۈمىتىنى مۆتىدىل بولماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر