ھاۋا بۇلغىنىشى خىتايغا ئېغىر مەسىلە بولماقتا

بۇ قېتىم خىتايدىكى ھاۋا بۇلغىنىشى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنسان سالامەتلىكىگە زىيانلىق دەپ بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىن ئاز دېگەندە 6 ھەسسە ئېشىپ كەتتى.

642169
ھاۋا بۇلغىنىشى خىتايغا ئېغىر مەسىلە بولماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاتايدىكى ھاۋا بولغىنۇشى كۆرۈش مۇساپىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن بولغاچقا 309 ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، قاتناش يوللىرى ۋاقىتلىق توختىتىلدى.

شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ شىمالىدىكى تىئەنجىن شەھىرىدە ھاۋا بولغۇنىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەنلىكى، ھاۋادىكى زىيانلىق ئىلىمېنتلارنىڭ نورمال «PM 2,5» نىسبىتىدىن ئۆرلەپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنسان سالامەتلىكىگە زىيانلىق دەپ بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىن ئاز دېگەندە 6 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.

ھاۋا بولغىنىشى سەۋەبىدىن تيەنجىن شەھىرىدە 3 كۈنلۈك قىزغۇچ سېرىق ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

ھاۋا بولغىنىشى سەۋەبىدىن كۆرۈش مۇساپىسى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولغاچقا 19 ئايروپىلان ئايرودۇرۇمغا قونالماي، ئەتراپتىكى باشقا شەھەرلەرنىڭ ئايرودۇرۇمىغا مەجبۇرىي قوندى.

يەرلىك مەسئۇللار قاتناش يوللىرىنىڭمۇ ۋاقىتلىق تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر