خەلقئارا جەمئىيەت ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى

دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئىستانبۇل ئورتاكۆيدە مەيدانغا كېلىپ 39 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى ۋە تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

641633
خەلقئارا جەمئىيەت ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ، ئېھتىياج بولۇپ قالسا، تۈركىيە دائىرىلىرىگە كېرەكلىك ياردەمنى بېرىش توغرىسىدا ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا يوليورۇق چۈشۈردى.

ئاق ساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى باياناتچىسى نېد پرايسمۇ بايانات بېرىپ ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى قورقۇنچ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەڭ قاتتىق شەكىلدە ئەيىبلەيدۇ» دېدى ۋە ناتو ئەزاسى ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە بىلەن ھەر تۈرلۈك تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ ھۇجۇم مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى. كرېملىن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا پۇتىن تېلېگراممىسىدا، «يېڭى يىلنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىنمۇ يامان بىر جىنايەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەسى مۈشكۈل. ئەمما، ئىنسانىي ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلار تېررورچىلار ئۈچۈن پۈتۈنلەي يات بىر ئۇقۇم. ئورتاق ۋەزىپىمىز تېررورىست ھۇجۇمچىلارغا قەتئىي شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇشتۇر» دېدى ۋە رۇسىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ ئىشەنچلىك بىر شېرىكى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىستېفان دىئونمۇ بايانات بېرىپ، «كانادا ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن قورقۇنچ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قۇربانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ ھۇجۇمدا يارىلانغانلارغا تېز شىپالىق تىلەيدۇ» دېدى.

ئامېرىكا – ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى باشلىقى نىھاد ئەۋۋادمۇ بايانات بېرىپ، «قەلبىم ئىستانبۇلدا تېررورچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى، يېقىنلىرى ۋە يارىلانغانلار بىلەن بىرگە» دېدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىدا، «2017، ئىستانبۇلدا تىراگېدىيەلىك باشلىنىش بولدى. قەلبىم يېڭى يىلنى تەبرىكلەۋاتقان كىشىلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلار ۋە تۈرك خەلقى بىلەن بىرگە» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى 2017 – يىلىنى ئىستانبۇلدا بىر ھۇجۇم بىلەن باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «قەلبىم ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى بىلەن بىرگە. بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدىكى خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كۆچمەنلىك ۋە پۇقرالىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى دىمىترىس ئاۋراموپولوسمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «ئىستانبۇلدىكى بىگۇناھ كىشىلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن ئەندىكىپ كەتتىم. قەلبىم بۇ كېچە تۈركىيە ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرگە» دېدى.

ياۋروپا پارلامېنتى باشلىقى مارتىن شۇلىز، «بىر تەبرىكلەش كېچىسى بولۇشى كېرەك ئىدى؛ تېررورچىلار زوراۋانلىق، ئۆلۈم ۋە ئۈمىدسىزلىك كېچىسىگە ئايلاندۇردى. قەلبىم، ئىستانبۇل ۋە تۈركىيەدە» دەپ بايانات بەرگەن بولسا، ياۋروپا پارلامېنتى تۈركىيە دوكلاتچىسى كاتى پىرى، «بۇ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق بىر خەۋەر. قەلبىم ۋە دۇئالىرىم بۇ كېچە تۈركىيە بىلەن بىرگە» دېگەن ئىبارىلەرنى ئورتاقلاشتى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋمۇ، ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېگرامما يوللىدى؛ ھۇجۇمنىڭ ئەزەربەيجاننى چوڭقۇر قايغۇغا سالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەلىيېۋ، تېررورچىلارغا قارشى ئەڭ قاتتىق ۋە قەتئىي كۈرەش قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە تۈرك خەلقىگە ئەزەربەيجان خەلقى ۋە ئۆز نامىدىن تەزىيە بىلدۈردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاندمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىلىگەن ھالدا، «فىرانسىيە بۇ ۋەقەدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇپ، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ بالاغا قارشى كۈرىشىنى رەھىمسىزلەرچە داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى رېئۇۋېن رىۋلىنمۇ رەسمىي تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە بايانات بېرىپ، ئىستانبۇل ئورتاكۆيدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەن ھالدا، «قەلىبىمىز تۈرك خەلقى بىلەن بىرلىكتە. بۇ ھۇجۇم ئىنسانىيەتكە قارشى قىلىندى. دۇئالىرىمىز، يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغۇچىلار ۋە يارىلانغۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر» دېدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدىكى باياناتىدا بولسا، «كۈچلۈك ئەندىكىش ئىچىدىمىز. قايغۇلىرىمىز ئىستانبۇلدىكى كىشىلەر بىلەن بىرگە» دېيىلدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسونمۇ رەسمىي تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «خىيالىمىز تۈركىيە بىلەن بىرگىدۇر. تۈرك دوستلىرىمىز بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېباستىيان كۇرزمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئىستانبۇلدا يېڭى بىر يىلغا قورقۇنچ باشلانغۇچ بولدى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە دوستلىرىغا سەمىمىي تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېدى.

بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىدىئېر رېيندېرس، «يېڭى يىل ئىستانبۇلدا قورقۇش بىلەن باشلاندى. قەلبىم ھاياتىدىن ئايرىلغانلار، يېقىن – يورۇقلىرى ۋە تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرگە» دېسە، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېئىن مارك ئايراۋلت، «قەلبىم بۇ سىمۋوللۇق كېچىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تۈركىيە بىلەن بىرگە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى؛ مېكسىكىنىڭ پۇقرالارنى نىشانغا ئالغان بۇ ھۇجۇمنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، تۈرك خەلقىگە، ھۆكۈمىتىگە ۋە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى، شۇنداقلا مېكسىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر