ھىندونېزىيەدە بىر كېمىگە ئوت كېتىپ ئونلارچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادىن 247 يولۇچىنى ئېلىپ تىدۇڭ ئارىلىغا قاراپ يولغا چىققان بىر كېمىگە ئوت كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادىن 247 يولۇچىنى ئېلىپ تىدۇڭ ئارىلىغا قاراپ يولغا چىققان بىر كېمىگە ئوت كېتىپ، كەم دېگەندە 23 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھىندونېزىيە مەملىكەتلىك ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئورگىنى جاكارتا مۇدىرى خېندرا سۇدىرمان، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە 194 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، يوقاپ كەتكەن يولۇچىلارنى ئىزدەش – خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئوت ئاپىتىنىڭ كېمىنىڭ موتور قىسمىدىكى سىم يوللىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆيۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، كېمىدە يېڭى يىل تەتىلىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىدۇڭ ئارىلىغا قاراپ يولغا چىققان يولۇچىلار بار ئىكەن.
ھىندونېزىيەدە 2009- يىلىمۇ بىر كېمە چۆكۈپ كېتىپ 300 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.