رۇسىيەنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تويۇقسىزلا بالنىستقا ئېلىندى
رۇسىيەنىڭ تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكساندر پېتروۋىچ كەچلىك تاماقتىن كېيىنلا بالنىستقا ئېلىندى.
640656
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «يېدىئوت ئاخروخوت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكساندر پېتروۋىچ تىل ئاۋىۋدىكى بىر رېستوراندا كەچلىك تاماق يېگەندىن كېيىن راھەتسىزلىنىپ دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىندى.
مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر باش ئەلچىنىڭ بالنىستقا ئېلىنىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.
باش ئەلچى پېتروۋېچنىڭ دوختۇرخانىنىڭ مەركەزلىك كۆزىتىش بۆلۈمىدە يېتىۋاتقانلىقى، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئافغانىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
ئافغانىستاننىڭ باغلان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى.