رۇسىيەنىڭ دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ زەمبىرەك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

639968
رۇسىيەنىڭ دەمەشىقتىكى ئەلچىخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتىكى ئەلچىخانىسى زەمبىرەك ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى؛ ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، دەمەشىقتىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ زەمبىرەك بىلەن قىلىنغان ئىككى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، ئەلچىخانا باغچىسىغا چۈشكەن ئوقلارنىڭ بىرىنىڭ پارتلىمىغانلىقى، ئىككىنچى ئوقنىڭ بولسا، ئەلچىخانىغا تەۋە جاينىڭ يېنىغىلا چۈشكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، پارتلىمىغان ئوقنىڭ پاسسىپ ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن مىنا تازىلاش خادىملىرىنىڭ چاقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى،  ھۇجۇمنىڭ سۈرىيەدىكى تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسەتلىك بىر ئىغۋاگەرچىلىكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر