رۇس ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىگە ئائىت بەزى مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى

رۇسىيە ئىنتېرفاكس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىدىن ئېلىنغان بەزى مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشتى.

640028
رۇس ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىگە ئائىت بەزى مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ تېخنىكىلىق كاشىلا ۋە ئۇچقۇچى خاتالىقىنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە چۈشۈپ كەتكەن بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

يەكشەنبە كۈنى چۈشۈپ كېتىپ 92 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىلىرى تەكشۈرۈلدى. رۇسىيە ئىنتېرفاكس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، قارا قۇتىدىن ئېلىنغان دەسلەپكى مەلۇماتلارنىڭ تۇ-154 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئەسناسىدا سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، قاناتلاردا ئۇچۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ئۆرلىتىش كۈچى ھاسىل بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسمىنىڭ ئاشكارىلانماسلىقىنى تەلەپ قىلغان مەزكۇر ئەمەلدار، «بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇچۇش ئەترىتىنىڭ ھالقىلىق پەيتتە خاتا قارار چىقارغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن سەۋەبلەرمۇ بار. قازا تېخنىكىلىق كاشىلا ۋە ئادەم ئامىلىنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنىڭ ئەستايىدىل تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە رەسمىي باياناتلارنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۇ-154 تىپلىق ئايروپىلانى قىزىل ئارمىيەنىڭ 64 سەنئەتچىسى، ژۇرنالىستلار ۋە ياردەم ئورگىنىنىڭ خادىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 92 كىشى بىلەن بىرلىكتە قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر