پۇتىن: ھېچكىمنىڭ ئالدىمىزغا بىز يېڭەلمەيدىغان مەسىلىلەرنى چىقىرىشقا قۇربى يەتمەيدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ھېچكىمنىڭ رۇسىيە بىر تەرەپ قىلالمايدىغان مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

639920
پۇتىن: ھېچكىمنىڭ ئالدىمىزغا بىز يېڭەلمەيدىغان مەسىلىلەرنى چىقىرىشقا قۇربى يەتمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېملىن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا بىر قەدەر قىيىن ئۆتكەن بولسىمۇ، 2016 – يىلىنىڭ ئۈنۈم جەھەتتە ياخشى ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ۋىلادىمىر پۇتىن، «ھېچكىم ئالدىمىزغا بىز يېڭەلمەيدىغان مەسىلىلەرنى چىقىرالمايدۇ. مۇھىم بولغىنى، بىزنىڭ ئۇتۇقلۇق خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىزدۇر» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىشتىن ئىلگىرى 2016 – يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشتى؛ يىغىندا، سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى ۋە باشقا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر