چۈشۈپ كەتكەن رۇس ئايروپىلانىغا دائىر بەزى ئۇچۇرلار ئورتاقلىشىلدى

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىدىكى ئۇچۇرلارنى، چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىگە دائىر بەزى مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشتى.

640327
چۈشۈپ كەتكەن رۇس ئايروپىلانىغا دائىر بەزى ئۇچۇرلار ئورتاقلىشىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، 92 ئادەم بىلەن بىرلىكتە قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى ئارىسىدا پارتلاش ياكى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر ئىشارەت يوقلۇقىنى ئۇقتۇردى.

رويتېرزنىڭ تاسنى مەنبە كۆرسىتىپ تۇرۇپ بەرگەن خەۋىرىدە، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى، 30 كۈندىن ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنىڭ ئېنىقلىنىپ بولۇشىنى كۈتمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تۇ-154 تىپلىق ئايروپىلانى يەكشەنبە كۈنى ئىچىدىكى 92 كىشى بىلەن بىرلىكتە سوچىدىن سۈرىيەنىڭ لازىقىييە شەھىرىگە قاراپ قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا راداردىن يوقاپ كەتكەن، ئارقىدىن ئايروپىلاننىڭ قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئېنىقلانغانىدى.

ئايروپىلاندا لازىقىييەدىكى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرىغا كونسېرت قويۇپ بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان قىزىل ئارمىيە سەنئەتچىلىرى، ئەسكەرلەر ۋە ژۇرنالىستلار بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر