پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنىڭ سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

پەلەستىن مەملىكەتلىك ۋە ئىسلامىي كۈچلەر ئۇيۇشمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايون بەرپا قىلىشى سەۋەبىدىن سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

638383
پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيەنىڭ سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنلىكلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايون بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنى توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسى ماقۇللانغاندىن كېيىن،  بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىشتى.

فەتىھ، ھاماس، ئىسلامىي جىھاد قاتارلىق گۇرۇپپىلارنى بىر يەرگە جەم قىلغان مەملىكەتلىك ۋە ئىسلامىي كۈچلەر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئېلىنغان قارارنى رىئايە قىلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن خەلقئارا سەۋىيەدە ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

كۆچمەن يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرى قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى مەسىلىسىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارشى سادىر قىلىنغان ئۇرۇش جىنايىتى بولۇش سەۋەبىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە يەتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكى تەكىتلگەن باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشى تۈپەيلى سوتلىنىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولسا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنسىز بارلىق ئولتۇراق رايون خىزمەتلىرىنى دەرھال توختىتىشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسى، جۈمە كۈنى 14 ئاۋاز بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ماقۇللانغانىدى.

ئىسرائىلىيە بۇ ئەھۋالغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر