خىتاينىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسى تىنچ ئوكياغا قاراپ يولغا چىقتى

خىتاينىڭ لىياۋنىڭ ناملىق تۇنجى ئاۋىياماتكىسى ھەربىي مانېۋىرلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تىنچ ئوكيانغا قاراپ يولغا چىقتى.

637809
خىتاينىڭ تۇنجى ئاۋىياماتكىسى تىنچ ئوكياغا قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تۇنجى ئاۋىياماتكىسىنى  تىنچ ئوكيانغا ئەۋەتتى.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، 30 يۈرۈش ئۇرۇش ئايروپىلانى توشۇش ئىقتىدارى بولغان لىياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكىسىنىڭ، دېڭىزدا ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييار ھالەتكە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىدە مۇھىم رولى بولغان لىياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسى، بوخەي قولتۇقى ۋە خۇاڭخېدىكى ھەربىي مانېۋىرلىرىنى ئاياقلاشتۇرۇغاندىن كېيىن تىنچ ئوكيانغا ئۆتتى.

لىياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسى بىلەن J-15 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە تىكئۇچارلار توشۇلىدۇ.

بېيجىڭ دائىرىلىرى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا پات-پات ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلىكىتىن، قوشنا دۆلەتلەر ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە.

خىتاي دائىرلىرى تۇنجى ئاۋىياماتكىسى بولغان لىياۋنىڭنى 2012-يىلى سېنتەبىردە ئارمىيەگە تاپشۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇرۇنقى نامى ۋارياگ بولغان بۇ ئاۋىياماتكىنىڭ مۇنبىرى ئۇكرائىنادىن سېتىۋېلىنغانىدى. لىياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 304 ، كەڭلىكى 37 مېتىر كېلىدۇ.  

بېيجىڭ دائىرىلىرى تۇنجى يەرلىك ئاۋىياماتكىنىڭ بۇلتۇر ياسىلىشقا باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ 2020-يىلى تاماملىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر