چۈشۈپ كەتكەن رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقلىرى تېپىلدى

رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ لازىقىييە شەھىرىدىكى ھىمىيمىم بازىسىغا قاراپ كېتىۋاتقان بىر ھەربىي ئايروپىلانى قارا دېڭىز تەۋەلىكىدە چۈشۈپ كەتتى.

637283
چۈشۈپ كەتكەن رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقلىرى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوچىدىن سۈرىيەنىڭ لازىقىييە رايونىدىكى ھىمىيمىم ھەربىي بازىسىغا قاراپ قوزغالغان رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق تۇپولوۋ تۇ-154 تىپىلىق ئايروپىلان قوزغىلىپ 20 مىنۇتتىن كېيىن راداردىن يوقاپ كەتتى.

ئايروپىلاندا 83 ى يولۇچى، 8 ى ئايروپىلان خادىمى بولۇپ جەمئىي 91 ئادەمنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

رۇسىيە تاراتقۇلىرى، ئايروپىلاندا قىزىل ئارمىيە ناخشا – ئۇسسۇل ئانسامبىلىنىڭ مۇزىكانتلىرى بىلەن مۇخبىرلار ۋە ھەربىي خادىملارنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىملىرى، ئايروپىلان راداردىن يوقاپ كەتكەن جايدىكى تەكشۈرۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئايروپىلاننىڭ قالدۇقىنىڭ قارا دېڭىزدا سۇنىڭ 50 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدىن تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تاس ئاگېنتلىقى، ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنىڭ ئايروپىلان يوقاپ كەتكەن جاينىڭ 6 كىلومېتىر يىراقلىقىدىن تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقى، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر