ئىراق ئارمىيەسى 18 جاينى كونترول ئاستىغا ئالدى

ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلنى دائېشتىن ئازاد قىلىش ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە شەھەرنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى 4 جاينى كونترول ئاستىغا ئالدى.

637137
ئىراق ئارمىيەسى 18 جاينى كونترول ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نىنوۋا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ قوماندانى گېنېرال ئابدۇلئېمىر رېشىد يارۇللاھ، مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى بولغان، دىجلە دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى مەھەللىلەرنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى دائىرىسىدە ساقچى مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 جاينى كونترول ئاستىغا ئالغان. ئىراق ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى مۇسۇلنىڭ غەربىدىكى تەلزالت رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۇنسۇرلىرى قارارگاھ سۈپىتىدە ئىشلەتكەن 2 بىنانى بومباردىمان قىلىپ، 23 مىلىتاننى ئۆلتۈرگەن.

مايور كېرىم زىيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقلىق يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار بىلەن ئامېرىكىلىق ھەربىي دائىرىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى مۇسۇل ھەرىكىتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچى توغرۇلۇق ئورتاق يىغىن چاقىرىلغان.

ئىككىنچى باسقۇچلۇق تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تاماملىنىشى ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتلەر 4 كۈن توختىتىپ قويۇلغانىدى.

مۇسۇلنى دائېشتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن 17 – ئۆكتەبىردە باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەر شەھەرنىڭ بەزى رايونلىرىدا داۋاملاشماقتا. ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىمۇ ھاۋادىن ياردەم بېرىۋاتقان بولۇپ، ئىتتىپاقداش كۈچلىرى 2014 – يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر