پۇتىن ترامپنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ مەكتۇپ يوللىدى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ مەكتۇپ يوللىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن مەكتۇبىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكىنىڭ ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ترامپ بۇ ھەقتە توختالغاندا، «پۇتىننىڭ يېقىملىق مەكتۇبىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى تامامەن توغرا. مەنمۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇشۇ قاراشلارنى چۆرىدىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشى ۋە باشقا يولدىن كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
مەكتۇپ توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلغان كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇتىن ترامپنىڭ يېڭىنى يىلىنى تەبرىكلەپ مەپتۇپ يازغان، مەكتۇبىدا، رۇسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.