ھەلەب شەھىرى پۈتۈنلەي بەششار ئەسەدنىڭ قولىغا ئۆتتى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنى قوللايدىغان تېررورىستلارنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى شەرقىي ھەلەبتىن ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ قورشاۋىدىكى فۇئا بىلەن كەفرەيا رايونلىرىدىن پۇقرالارنى ئۆزئارا تارقاقلاشتۇرۇش ئاخىرلاشتى.

636237
ھەلەب شەھىرى پۈتۈنلەي بەششار ئەسەدنىڭ قولىغا ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاخىرقى قېتىم شەرقىي ھەلەبتىن كۆپىنچىسى قوراللىق ئۆكتىچىلەرنى توشۇغان بەش ئاپتوبۇس ۋە 30 ئاپتوموبىلدىن تەشكىللەنگەن ئەترەت چىقتى. رامۇسەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن يولغا چىققان مىڭ كىشىلىك ئەترەت، ھەلەبنىڭ غەربىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى راشىدىن رايونىغا قاراپ ماڭدى. تۈنۈگۈن (22-دېكابىر) ھەلەبتىن 10 ئاپتوبۇس ۋە 420 ئاپتوموبىلدىن تەشكىللەنگەن تەخمىنەن 3 مىڭ 500 كىشىلىك ئەترەت تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن، ئىدلىبتە ئۆكتىچىلەرنىڭ قورشاۋىدىكى فۇئا ۋە كەفرەيا رايونىدىن تەخمىنەن 250 كىشى، ھەلەبنىڭ غەربىدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كونترول قىلىۋاتقان جايغا يېتىپ باردى.

ھەلەبنىڭ شەرقىدىن ئۆكتىچىلەرنىڭ چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى بىلەن، ھەلەب شەھەر مەركىزىي پۈتۈنلەي بەششار ئەسەد ئارمىيەسى ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغان چەت ئەللىك تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن بولدى. تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى باشلانغان 15-دېكابىردىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەلەبتىن 45 مىڭ ئەتراپىدا پۇقرا ۋە ئۆكتىچى، يۈزلەرچە ئاپتوبۇس، مىڭلارچە ھەر خىل ئاپتوموبىللار بىلەن ھەلەبتىن چىقىپ كەتتى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ باشچىلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئۇرۇش توختىتىش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش كېلىشىمى بويىچە بولغاندا، شەرقىي ھەلەبتىكى تارقاقلاشتۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دەمەشىقتە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قورشاۋىدىكى مادايا ۋە زەبادانى رايونىدىن ئۆكتىچىلەرنىڭ چېكىنىشى باشلىنىدۇ. ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسىلىرى كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىككى رايوندىن 1500 كىشىنىڭ ئىدلىبقا بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

15-دېكابىر شەرقىي ھەلەبتىن پۇقرالار ۋە ئۆكتىچى جەڭچىلەر، تۈركىيە چېگراسىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىدلىبقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

ئىرانلىق گېنېرال سەيىد جەۋاد قوماندانلىقىدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغان تېررورىستلار 15-16-دېكابىر شەرقىي ھەلەبتىن چېكىنگەن پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىپ، 18 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئىدى. ئۇرۇش توختىتىش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە باشتىن تارتىپ قارشى چىقىپ، ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى، فۇئا بىلەن كەفرەيادىن تارقاقلاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر