بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر سۈرىيەلىك ئائىلىگە ۋىزا بەرمەسلىكى نارازىلىق پەيدا قىلدى

بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سوت قارارىغا قارىماستىن ھەلەبلىك بىر ئائىلىگە ۋىزا بەرمەسلىك مەسىلىسى، ب د ت ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويۇلدى.

636363
بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر سۈرىيەلىك ئائىلىگە ۋىزا بەرمەسلىكى نارازىلىق پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەدە فىرانسۇزچە ۋە نېمىسچە سۆزلىشىدىغان ئادۋوكاتلار بىرلىكى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى ۋە دېموكراتىك ئادۋوكاتلار بىرلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ سۈرىيەلىك ئائىلىگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلەپ، مەسىلىنى ب د ت ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلدى.

ئادۋوكاتلار تەرىپىدىن ياۋروپا كېڭىشى ۋە ب د ت غا ئەۋەتىلگەن مەكتۇپتا، ئىككى ئورگاندىن «ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلارنىڭ قوغدىلىشىدا كۆرۈلگەن كەمچىلىكلەرنى تەكشۈرۈش ۋە تۈرگە ئايرىش» ئۈچۈن بېلگىيەگە ھەيئەت ئەۋەتىش تەلەپ قىلىندى.

مەكتۇپتا، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ۋە بىر قاتار ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئەيىبلەندى، شۇنداقلا سۈرىيەلىك ئائىلىگە ۋىزا بېرىشقا قارشى چىققان ۋە بۇ ھەقتىكى سوت قارارىنى ئىجرا قىلمىغان مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلىك مىنىستىرى سېيو فراڭكېن تەنقىد قىلىندى.

بېلگىيە ئادۋوكاتلىرىنىڭ ب د ت ۋە ياۋروپا كېڭىشىگە مەكتۇب ئەۋەتكەن ۋاقتى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شەرقىي ھەلەبتىن كەلگەن يەتتە ياشلىق بانا ئالابەد ۋە ئائىلىسىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «لا لىبرە گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى مارىيا ئۇدرەسجۇ رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بانا ئالابەد ۋە ئائىلىسىنى قوبۇل قىلغان خەۋەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ: «سېيو فراڭكېن ھەلەبتىن بېلگىيەگە قانۇنىي يوللار بىلەن كەلمەكچى بولغان سۈرىيەلىك بىر ئائىلىنى كۆرۈشنى رەت قىلىپ، كىرىزىس چىقاردى» دەپ يازغان ئۇچۇرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھىرلەشتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىككى پەرزەنتلىك بىر سۈرىيە ئائىلىسى ئۇرۇشتىن قېچىپ، بېلگىيەگە بېرىش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسىتىدە بېرىلىدىغان ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغان. بېلگىيەگە بارغاندىن كېيىن، پاناھلىنىش ئىلتىماسى سۇنۇشنى پىلان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئائىلىگە ۋىزا بېرىلىشىگە، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلىك مىنىستىرى فراڭكېن قارشى چىققان. بۇ جەرياندا، سۈرىيەلىك ئائىلىنىڭ بېلگىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بېلگىيە سوتىغا ئەرز قىلغان.

بېلگىيە سوتى نويابىر ئېيىدا چىقارغان قارارىدا، سۈرىيەلىك ئائىلىنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، ۋىزا بېرىلمىگەن ھەر كۈن ئۈچۈن 1000ياۋرو جازا تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان. فراڭكېن بولسا، يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنغان ۋە كېرەك بولسا: «ئىشخانامدىكى جابدۇقلارنى سېتىپ، جازا تۆلەيمەن» دېگەن.

يۇقىرى سوتمۇ تۆۋەن سوتنىڭ سۈرىيەلىك ئائىلە ئۈچۈن چىقارغان ھۆكمىنى تەستىقلىغان.

2015-يىلى 11 مىليون نوپۇس ياشايدىغان بېلگىيەدىن 35 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىر پاناھلىق تىلىگەن ئىدى.         



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر