​​​​​​​ھەلەبتىكى پۇقرالارنى يۆتكەش خىزمەتلىرى بۈگۈن تاماملىنىدۇ

ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشەلمەس پوزىتسىيەسى ۋە ھاۋانىڭ سويۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن پۇقرالارنى يۆتكەش خىزمەتلىرى تولىمۇ ئاستا ئىلگ

635707
​​​​​​​ھەلەبتىكى پۇقرالارنى يۆتكەش خىزمەتلىرى بۈگۈن تاماملىنىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۆرۈلىۋاتقان تورمۇزلىنىشلار ۋە قىشنىڭ  قېيىن شارائىتلىرىغا قارىماستىن سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن پۇقرالارنى يۆتكەش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پۇقرالارنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە 300 گە يېقىن ئاپتوموبىل بىلەن رايوندىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىزىل كىرىست جەمئىيىتىمۇ كېسەل ۋە يارىدارلارنىڭ شەرقىي ھەلەبتىكى دوختۇرخانىدىن يوتكەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 

قوزغىلاڭچىلار بىلەن ئەسەد ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كېلىشەلمەسلىك ۋە ھاۋانىڭ سويۇپ كېتىشى سەۋەبىدىن پۇقرالارنى يۆتكەش خىزمەتلىرى تولىمۇ ئاستا ئىلگىرىلىمەكتە.

يۆتكەش خىزمەتلىرى تۈنۈگۈن يەنە بىر قېتىنم توسالغۇغا ئۇچرىغان ئىدى. پۇقرالارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ بۈگۈن ئاخىرلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 19 - سىنتەبىردە ھەلەبكە ئىنسانپەرۋەرلىك يارىدەم ئېلىپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل كارۋىنىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىغا ئالاقىدار دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا ھاۋا ھۇجۇمىنى زادى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ئېنىقلىيالمىغانلىقى قەيت قىلىندى. چۈنكى ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا تەكشۈرۈشلەرگە رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى. 

19 - سىنتەبىر كۈنى 17 ئاپتوموبىلدىن تەشكىل تاپقان ئىنسانپەۋرەلىك ياردەم كارۋىنىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغان ۋە 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر