دائېش بېرلىندىكى ھۇجۇمغا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

19-دېكابىر ئاخشىمى بېرلىندىكى روژدېستۋا بازىرىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىغا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

634926
دائېش بېرلىندىكى ھۇجۇمغا جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بېرلىندە روژدېستۋا بازىرىدا 12 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھۇجۇمنى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە قولغا ئېلىنغان ئەسلى پاكىستانلىق بولغان بىر كىشى دەلىل يېتەرسىز دەپ قارىلىپ قويۇۋېتىلدى. ھۇجۇمدا قوللىنىلغان يۈك ئاپتوموبىلىدا ئۆلۈك ھالدا بايقالغان ۋە ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەن كىشى دەپ قارىلىۋاتقان بىر كىشىنىڭ پولشا پۇقراسى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

گېرمانىيەدە ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، مەسئۇل دائىرىلەر يېڭى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىغا قارشى خەلقنى ئاگاھلاندۇردى.

بۇ جەرياندا، كۆلىندىكى مەركىزىي پويىز ئىستانسىسى يېتىپ كەلگەن بومبا ئۇچۇرى سەۋەبىدىن بوشىتىلدى. بۇ سەۋەبتىن، پويىز ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە پويىز ساقلاۋاتقان يولۇچىلار تارقاقلاشتۇرۇلدى. تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، ئېلىنغان ئۇچۇرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. بومبا ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەر پويىز قاتنىشىدىن باشقا، كۆلىن شەھىرىنىڭ ترامۋاي قاتنىشىنىمۇ ئاقسىتىپ قويدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر