ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەسەد ۋە قوللىغۇچىلىرىنى ئەيىبلىدى

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، سۇرىيە كىرىزىسىغا ئالاقىدار جىددىي يىغىنىدا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، قوللىغۇچىلىرى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەلەبتىكى ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

634486
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەسەد ۋە قوللىغۇچىلىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى مەركىزىدە چاقىرىلغان «ھەلەب قاتارلىق سۇرىيە ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار» تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى پىكرىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى سۈرىيەلىك بارلىق تەرەپلەر ئىشتىراك قىلىدىغان، خەلقنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرىدىغان سىياسىي چارىدۇر» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالدى.

لىۋان ماقۇللاشتىن چېكىنگەن مەزكۇر بايانات يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان 20 دۆلەت تەرىپىدىن ماقۇللاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر