خەلقئارا رۇس ئەلچىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەشتى

خەلقئارا جەمئىيەت رۇس ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىشتى.

633963
خەلقئارا رۇس ئەلچىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەشتى
iç tepki1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ ئەنقەرەدە سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ ۋەقەنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. تۇنجى باياناتنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئېلان قىلدى.

ئاقساراي رۇس ئەلچىسى كارلوۋنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قوراللىق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كارلوۋنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن. بىر ئەلچىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلۈشى مەدەنىي تۈزۈمگە قىلىنغان دەپسەندىچىلىكتۇر. شۇڭا بۇ ۋەقە پۈتكۈل خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلىنىشى كېرەك.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەقە توغرۇلۇق ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى.

ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفانې دۇجاررىك،بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمنىڭ ھېچقانداق يوللۇق تەرىپىى يوقلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ناتو باش كاتىپى جېن ستولتېنبېرگمۇ ئىتجىمائىي تاراتقۇدىكى رەسمىي ئادرىسىدىن ئۇچۇر تارقىتىپ، رۇس ئەلچىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ ھۇجۇمى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە رۇس خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى يېزىپ، ئۇچۇرىدا مۇنۇ جۈملىگە ئورۇن ئاجراتتى: «بۇ پەس قىلمىشنىڭ ھېچقانداق يوللۇق سەۋەبى بولمايدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنىمۇ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋغا تەزىيەنامە ئەۋەتىپ، بۇ ۋەقەدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقلىرىنى ۋە رۇس رەھبەرلىرى بىلەن ئوخشاش ھېسسىياتنى ئورتاقلىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسى ۋە ياۋروپا كېڭىشى كاتىباتلىقىمۇ بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

فىرانسىيەدىن ئەزەربەيجانغىچە، گېرمانىيەدىن كاناداغىچە بولۇپ نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، بۇ ھۇجۇمى ئەيىبلەپ رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىقنى ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

بۇ باياناتلاردا مۇنداق دېيىلدى: «دۇنيادا رادىكالىزىمنى ۋە ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈشنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوق. بۇنداق ۋەقەلەرگە دېموكراتىك جەمئىيەتلەر قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر