خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئادەمسىز سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى قايتۇرۇپ بەردى

خىتاي ھۆكۈمىتى 4 كۈن ئىلگىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە تۇتۇپ كەتكەن ئامېرىكىغا تەۋە ئادەمسىز سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئاپاراتىنى قايتۇرۇپ بەردى.

634269
خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئادەمسىز سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى قايتۇرۇپ بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېتېر چۇك ئېلان قىلغان باياناتىدا، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا تۇتۇپ كېتىلگەن ئادەمسىز سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئاپاراتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پېتېر چۇك ئادەمسىز سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئاپاراتىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەن جايغا يېقىن يەردە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى مەسئۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ۋەقە خەلقئارا قانۇنغا ۋە دېڭىز ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كەسپىي ئۆلچەملەرگە پۈتۈنلەي زىت كىلىدىغان قىلمىش ئىدى» دېدى.

ئامېركا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يۈز بېشى جېف داۋىس پانتاگوندا ئاخباراتچىلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا فىلىپپىنگە يىقىن سۇبىج قولتۇقىدىن 50 مىل ئۇزاقلىقتا خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە 2 ئادەمسىز سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئاپاراتىدىن بىرسىنى خىتاينىڭ تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

دونالد ترامپمۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا تەۋە ئادەمسىز سۇ ئاستى تەكشۈرۈش ئاپاراتىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى «ئوغرىلىق» دەپ قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى.

جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ يەر ئاستى بايلىقى مول بولۇپ، خىتاي ئىگىلىك داۋاسى سەۋەبىدىن قوشنىلىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تالاش - تارتىشلىق رايونغا سۇنئىي ئاراللارنى ياساپ، ھاۋا ئارمىيە بازىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇئەسسەلەرنى قۇرۇپ چېقىش ئارقىلىق تالاش - تارتىشلىق دېڭىزدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ئىگىلىك داۋاسىغا ئامېرىكا ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى قارشى چىقماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر