دېمىترى پېسكوۋ، باش ئەلچى كارلوۋ سۇيىقەستىنىڭ مۇددىئاسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ، ئەنقەرەدە مەيدانغا كەلگەن باش ئەلچى سۇيىقەستىنىڭ مۇددىئاسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

634490
دېمىترى پېسكوۋ، باش ئەلچى كارلوۋ سۇيىقەستىنىڭ مۇددىئاسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش مۇددىئاسىنىڭ موسكۋا بىلەن ئەنقەرە ئارىسىدىكى نورماللىشىش مۇساپىسىگە ۋە سۈرىيەدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە سىياسىي چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدا كىملەرنىڭ بارلىقىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پېسكوۋ، «رۇس مۇتەخەسسىسلەر ھازىر ئەنقەرەدە. تۈنۈگۈن دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە كېلىشكەنىدى. سەۋرچانلىق بىلەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى كۈتەيلى» دېدى.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كېڭىشى باشلىقى ۋالېنتىنا ماتۋىئېنكومۇ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ رۇس مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنى تېپىش ئۈچۈن، قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ بىر ئار – نومۇس مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ماتۋىئېنكو مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «كارلوۋنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىغا قارشى قىلىنغان پىلانلىق بىر ئىغۋاگەرچىلىكتىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر