ئىيوردانىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىيوردانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كەراك شەھىرىدە بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلدى.

633139
ئىيوردانىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كەراك شەھىرىدە بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەرنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، 5 نەپەر خەۋپسىزلىك خادىمى، بىرى كانادالىق ساياھەتچى بولۇپ جەمئىي 10 ئادەم ئۆلدى.

كەراك شەھىرىدىكى ئەلقەترانە رايونىدىن كەلگەن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن رايونىغا يېتىپ بارغان چارلاش ئاپتوموبىلى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. كىملىكى ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغان ھۇجۇمچىلار ئوق چىقىرىپ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىدىن 2 كىشىنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن قاچتى.

ھۇجۇمچىلار قېچىۋېتىپ ئىككىنچى بىر چارلاش ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلدى، ئارقىدىن تارىخىي كەراك قەلئەسىگە چىقىپ كەراك ساقچى مەركىزىگە ئوق چىقاردى. خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قەلئەنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ ھۇجۇمچىلارغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ھۇجۇمچىلار 5 ياكى 6 كىشى بولۇشى مۇمكىن، دەپ تەخمىن قىلىنماقتا. خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر