ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ھەپتە ئاخىرىدا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 9 ئادەم ئۆلدى.

633155
ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىكاگو شەھىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇملاردا يەنە، 9 ۋە 15 ياشلىق ئىككى بالا قوشۇلۇپ جەمئىي 26 ئادەم يارىلاندى.

چىكاگودا بۇ يىل يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە 701 ئادەم ئۆلدى، 4050 كە يېقىن ئادەم يارىلاندى.

ئامېرىكىدا خۇسۇسىي قوراللىنىش ۋە جىنايى گۇرۇھلارغا قارشى كۈرەش مەسىلىسى توغرىسىدا زور دەتالاشلار داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر