مۇھاسىرە ئاستىدىكىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئۇتۇقلۇق ئىجرا قىلىنماقتا

سۈرىيەدە ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى شەرقىي ھەلەب ئاھالىسىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا.

633441
مۇھاسىرە ئاستىدىكىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش كېلىشىمى ئۇتۇقلۇق ئىجرا قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي لوندونغا جايلاشقان سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، يېرىم كېچىدىن بۇيان 65 ئاپتوبۇس بىلەن 3500 گە يېقىن ئادەمنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھەلەبتىن تارقاقلاشتۇرۇش باشلىغان پەيشەنبە كۈنىدىن بۇيان ئاپتوبۇس ۋە ئۆز ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ئىدلىبكە يېتىپ بارغانلارنىڭ سانى 14 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

ھەلەبنىڭ ھاكىمىيەتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلاردىن تارقاقلاشتۇرۇلغان ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى راشىدىن رايونىدا تەييارلانغان يىغىلىش مەركىزىگە يېتىپ باردى.

سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىمۇ، ئۆكتىچىلەرنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى فۇئە بىلەن كەفرەيادىن تارقاقلاشتۇرۇلغانلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇسلارنىڭ ھەلەبكە يېتىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ھەلەبنىڭ شەرقىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىككىنچى بىر ئۇقتۇرۇش ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى، قارارنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى فۇئە بىلەن كەفرەيا يېزىلىرىغا ئاھالىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارغان 6 ئاپتوبۇسقا ئوت قويۇپ بېرىلىشىدىن كېيىن چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

لېكىن، بۇ بايانات ئېلان قىلىنىپ كۆپ ئۆتمەيلا، ئۆكتىچىلەر بىلەن ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا ھاسىل قىلىنغان يېڭى كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر كەلدى.

يېڭى كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، ھاكىمىيەتنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى شەرقىي ھەلەبتىكىلەرنىڭ ھەممىسى، مادايا ۋە زەبادانىدىن بولسا، مىڭلارچە كىشى تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ. ئۆكتىچىلەرنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى فۇئە بىلەن كەفرەيادىن 4 مىڭ ئادەم ھاكىمىيەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى جايلارغا ئەۋەتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر