چېچىنىيەدە توقۇنۇش يۈز بەردى
چېچىنىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى گروزنىدا ساقچىلار بىلەن قوراللىق ھۇجۇمچىلار ئارىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى.
633147
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەگە قاراشلىق چېچىنىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان ھۇجۇمچىلاردىن 11 ى ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلدى.
رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، چېچىنىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى گروزنىدا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇلغان بىر ئاپتوموبىلدىن ئوق چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. توقۇنۇشتا 4 ھۇجۇمچى ئۆلدى، 1 ساقچى بىلەن 2 ھۇجۇمچى يارىلاندى.
نەق مەيداندىن قېچىشقا ئۇرۇنغان 7 ھۇجۇمچىمۇ قوغلاپ زەربە بېرىش جەريانىدا ئېتىۋېتىلدى.
رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ساقچى تەرەپتىن قانچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.