جون كېررىې ئەسەد ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەلەبتىكى قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ئەسەد، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ھەلەبتە سادىر قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ ھېچقانداق يوللۇق تەرىپى يوقلىقىنى بىلدۈردى.

631521
جون كېررىې ئەسەد ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەلەبتىكى قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەلەبتە پۇقرالارنى نىشان قىلغان ھۇجۇملارنىڭ «ھېچقانداق يوللۇق سەۋەبى بولمايدىغانلىقىنى»ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەلەبنىڭ يەنە بىر سىرېبرېنىتسا بولۇپ قېلىشىنى كۆرگىمىز يوق.»

«ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى بولغان رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك دېمەي پۇقرالارنى ۋەھشىيلەرچە قەتل قىلىشلىرىنى ئاقلاش ۋە يوللۇق كۆرسىتىش قەتئىي بولمايدۇ»دېگەن كېررىي، ھەلەبتە پۇقرالارنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن غەرەزلىك ھالدا ھۇجۇم نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ ھەلەبلىكلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ھەلەبتىن چىقىپ كېتىشىگە يېقىندىن ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان كېرررىي، ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

جون كېررىي خەلقئاراغا دەسلەپ ھەلەب، ئارقىدىن پۈتكۈل سۈرىيە مىقىياسىدا ئۇرۇش توختىتىشنى  ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قايتىدىن چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر