بەششار ئەسەدنى قوللايدىغان تېررورىستلار ھەلەبتە پۇقرالارنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ئارمىيەسى ۋە ئۇنى قوللايدىغان چەت ئەللىك تېررورىستلارنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى شەرقىي ھەلەبتە 800 كىشى گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى.

631939
بەششار ئەسەدنى قوللايدىغان تېررورىستلار ھەلەبتە پۇقرالارنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد تەرەپدارى بولغان تېررورىستلار پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ئوق چىقىرىپ، 800 كىشىنىڭ بىخەتەر رايونغا بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى. پۇقرالار ئاپتوبۇسقا چىقىدىغان جايدا پارتلاش ئاۋازىنىڭ ئاڭلىنىشى بىلەن، تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى ۋاقىتلىق توختىتىلدى. پارتلاش بىلەن تەڭ، رايوندا قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈز بەردى. يول بويىغا توپلانغان يەنە بىر توپ بەششار ئەسەد تەرەپدارىمۇ ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى.

تۈنۈگۈن (15-دېكابىر) كېچىدىن باشلانغان تارقاقلاشتۇرۇشتا، 8 مىڭدىن ئارتۇق ھەلەب خەلقى ئىدلىب ۋە تۈركىيەگە يەتكۈزۈلدى. بۇ جەرياندا، ھەلەبنىڭ غەربىدە تەسىس قىلىنغان بىخەتەر رايونغا چىقىرىلغان ۋە ئىدلىبكە ئاپىرىلغان يارىدارلار ئىچىدىكى ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىرى تۈركىيەگە ئەۋەتىلدى.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى رەجەپ ئاقداغ جىلۋەگۆزۈ چېگرا ئېغىزىدا ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 09:00 دىن باشلاپ، 54 يارىدارنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئۇ چېگرا ئېغىزىدا ئۈچ دانە ۋاقىتلىق دوختۇرخانا تەسىس قىلغانلىقلىرىنى، زۆرۈر بولغاندا، يارىدارلارنى ھاتاي، مەرسىن ۋە ئاداناغا ئەۋەتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، يارىدارلار ئۈچۈن ئەنقەرەنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە 800 دىن ئارتۇق كارۋات تەسىس قىلغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.

15-دېكابىر (تۈنۈگۈن) دەسلەپكى ئاپتوموبىل ئەترىتى قورشاۋدىكى رايوندىن چىقىدىغان ۋاقىتتا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىرانلىق گېنېرال سەيىد جەۋادنىڭ قوماندانلىقىدىكى قوراللىق كۈچلەر، پۇقراالار ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ۋەزىيەتنى كۆپ قېتىم قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى.

ئۇرۇش توختىتىش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئەمەلگە ئاشقان نۇرغۇن قېتىملىق كۆرۈشۈشلەر نەتىجىسىدە باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر