تەلئەبيادتا پارتلاش يۈز بەردى
سۈرىيەنىڭ رەققە شەھىرىگە قاراشلىق بولغان ۋە نۆۋەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان تەلئەبياد ناھىيەسىدە پارتلاش مەيدانغا كەلدى.
631377
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شانلىئۇرفانىڭ ئاقچاقەلئە ناھىيەسىگە قوشنا بولغان تەلئەبيادتا ئەتىگەن تەرەپلەردە نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى پارتلاش مەيدانغا كەلدى.
ئاقچاقەلئەنىڭ ھۆرىيەت مەھەللىسىنىڭ ئۇدۇلىدا ۋە تەخمىنەن 1 كىلومېتىر يىراقلىقتا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتىن كېيىن يۇقىرى ئۆرلىگەن ئىس – تۈتەكلەر تۈركىيە تەرەپتىنمۇ كۆرۈلدى.
تۈركىيە ۋەقەدىن كېيىن چېگرا لىنىيەسىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.