پۇتىن ياپونىيەدە

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ياپونىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

631375
پۇتىن ياپونىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن ياپونىيەنىڭ ئارشاڭلىرى بىلەن داڭلىق ناگاتو شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

رۇسىيە 2014 – يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن 7 – گ گۇرۇھىغا ئەزا بىر دۆلەتتىن تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغان پۇتىن، ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇدا 70 يىلدىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان تالاش - تارتىشلىق كۇرىل ئاراللىرى مەسىلىسى ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.

كۇرىل ئاراللىرى مەسىلىسى سەۋەبىدىن رۇسىيە بىلەن ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇرغان كېلىشىمنى تېخىچە ئىمزالىغىنى يوق.

پۇتىننىڭ زىيارىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي لايىھەلەر تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما ياپونىيە رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان كېيىن 7 – گ گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر