ئەسەد قىسىملىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىمىشىگە خىلاپلىق قىلىپ ھەلەبكە يەنە ھۇجۇم باشلىدى

قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى 6 كىۋادىرات كلومېتىرلىق تورالغۇ رايوننىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا 40 مېنۇت ئىچىگە قانچە ئونلىغان توپ ئوقى ۋە راكىتامىيۇتلار چۈشتى.

630219
ئەسەد قىسىملىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىمىشىگە خىلاپلىق قىلىپ ھەلەبكە يەنە ھۇجۇم باشلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى ئەسەد ھۆكۈمىتى قىسىملىرى ۋە ئىراننىڭ قوماندانلىقىدىكى شىئە مىلىتانلار ھەلەبنىڭ شەرقىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىمىشىگە خىلاپلىق قىلىپ، قورشاۋ ئاستىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىدى.

ئەتىگەن سائەت 10:30 ئەتراپىدا ئەسەد ھۆكۈمىتى قىسىملىرى بازىسىدىن توپ ۋە راكىتامىيۇتلار ئېتىلىشقا باشلاندى. 

قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىروللۇقىدىكى 6 كىۋادىرات كلومېتىرلىق تورالغۇ رايوننىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا 40 مېنۇت ئىچىگە قانچە ئونلىغان توپ ئوقى ۋە راكىتامىيۇتلار چۈشتى.

بۇ ئارىلىقتا ھەلەبنىڭ شەرىقىدە ئۇرۇش توختىتىشتىن ئىلگىرىكى 2 كۈن ئىچىدە ئەسەد قىسىملىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن 67 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. رايوندا 15 – نويابىردىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالارنىڭ سانى 1071 دىن 1138 گە چىققان بولدى.

شەرقىي ھەلەبتە يۈز مىڭلىغان پۇقرا 4 – سىنتەبىردىن بۇيان ئەسەد ھۆكۈمىتى قىسىملىرى ۋە ئىراننىڭ قوماندانلىقىدىكى شىئە مىلىتانلارنىڭ قورشاۋىدا قالغان بولۇپ، ھاۋا ھۇجۇملىرىدا سەھىيە مەركەزلىرى، مەكتەپلەر ۋە ناۋايخانىلار پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغان ئىدى.

تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىشى نەتىجىسىدە رۇسىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئەسەد ھۆكۈمىتى قىسىملىرى بىلەن قوزغىلاقچى قىسىملار ئوتتۇرىسىدا تۈنۈگۈن كەچ سائەت 19:00 ئەتراپىدا ئۇرۇش توختىتىش ئىشقا ئېشىپ، ھۇجۇملار توختىغان ئىدى.

بۇ ئۇرۇش توختىتىش ئارقىلىق قورشاۋ ئاستىدىكى پۇقرالار بىلەن قوراللىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ رايوندىن يۆتكىلىپ كېتىشى پىلانغان بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە يارىدارلار، ئارقىدىن پۇقرالار ۋە قوراللىق قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار بىخەتەر ھالدا ئىدلىب شەھىرىگە يۆتكىلىشكە كېلىشكەن ئىدى.

ھەلەبنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتىرولۇقىدىكى ئىدلىب شەھىرى خاتاينىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر