مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيە ھەيئىتى بىلەن تۇرالغۇسىدا كۆرۈشتى
پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى» پىرىنسىپى ئاساسىدىكى تىنچلىقنى قوللاشنىڭ مۇھىملىقىنى جىكىلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس راماللاھتا ئىسرائىلىيە ھەيئىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «VAFA» نىڭ خەۋىرىدە، مەھمۇد ئابباسنىڭ سابىق ئىسرائىلىيە مىنىستىرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەتنىڭ زىيارىتىنى دۆلەت رەئىسىلىكى تۇرالغۇسىدا قوبۇل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
خەۋەردە كۆرسىتىلشىچە، مەھمۇد ئابباس بۇ ئۇچرىشىشتا يېقىنقى ۋەزىيەتلەر ۋە فىرانسىيەنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىندىكى تىرىشچانلىقلار ھەققىدە مەلۇمات ئالماشتۇردى. يىغىن مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەدىمۇ تىنچلىقنى قوللايدىغانلارنىڭ بولىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.
مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەھۇدىي ئولتۇراق رايون قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن خەۋپكە دۈچ كەلگەن «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى» پىرىنسىپى ئاساسىدىكى تىنچلىقنىڭ قوللاپ، قۇۋۋەتلىنىشى ۋە تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەدىكى ئوخشاش بولمىغان گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە ھەيئىتىمۇ تىنچلىقنى قوللاش ۋە «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى» پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان تىنچلىق ئۈمىدىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىرېلاندىيەمۇ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسپانىيە ۋە نورۋېگىيەدىن كېيىن، ئىرېلاندىيەمۇ پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.
ئىسپانىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسپانىيە ۋەزىرلەر كېڭىشى پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش قارارنامەسىنى ماقۇللىدى.