«خىتاي جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا خالىغانچە ھەرىكەت قىلالمايدۇ»

ئامېرىكا دېڭىزئارمىيەسى قوماندانى ھاررىي ھاررىس خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ خەلقئارا قاتناشقا ئوچۇق يەرلىرىنى ئۆز ئالدىغا توسوۋېلىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

630599
«خىتاي جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا خالىغانچە ھەرىكەت قىلالمايدۇ»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تىنچ ئوكيان دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ئادمېرال ھاررىي ھاررىس، ئامېرىكىنىڭ خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرىگە خىتاي دائىرلىرى توسقۇنلۇق قىلغان تەقدىردە قاراپ تۇرمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.  

ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنىي شەھىرىدىكى لوۋىي ئىنىستېتۇتىدا سۆز قىلغان ئادمېرال ھاررىس مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى سۈنئىي ئاراللاردا قانچىلىك ھەربىي بازا بەرپا قىلىنغانلىقىغا قارىماي خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىنى بىرلا تەرەپنىڭ تاقىۋېتىشىگە قەتئىي رۇخسەت قىلمايمىز.»

SkyNewsدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، رايون دۆلەتلىرىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى خەلقئارا دېڭىز قاتنىشىغا ئوچۇق يەرلەردە ئەركىن كېزىپ يۈرەلەيدىغانلىقىنى، لېكىن بۇنى ھەر دۆلەتنىڭ ئۆزى قارار قىلىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ھاررىس مۇنداق دېگەن: «مەن قاتارلىق ھەممە ئادەم توقۇنۇش خالىمايدۇ، ھەممىمىز بىردەكلىك ھاسىل قىلغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. قولىمىزدىن كېلىشىچە ھەمكارلىق ئورنىتىمىز، بىراق مەجبۇر بولۇپ قالساق دەرھال قارشىلىق كۆرسىتىپ ھۇجۇمغا ئۆتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر